مەشرەپ كۈيچىسى يانفون دېتالى بولسا جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى مەخسۇس ئۇيغۇر ئابونىتلار ئۈچۈن چىقارغان ساپ ئەپ بولۇپ، ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىقنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.بۇ ئەپ 2014-يىلى 6-ئايدا بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان ،كەڭ ئاز-سانلىق مىللەت ئابونتلىرىنىڭ ياختۇرۇپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولۇپ كەلمەكتە.بۇ ئەپكە 4000دىن ئارتۇق مىللىيچە ۋە ئازسانلىق مىللەتلەر ياختۇرۇپ ئاڭلايدىغان چەتئەلچە سەرخىل ناخشىلار مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ ،ناخشا-ئۇسسۇل يۇرتى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايەن قىلغان بىر خىل ئىشلىتىشچان،قولايلىق ئەپ. مەشرەپ كۈيچىسى شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئېتىياجىغا ئاساسەن،كۆپ خىل ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،ئەپ ئارقىلىق مۇزىكا ئاڭلاش،باشقىلارغا ناخشا سوۋغا قىلىش،ناخشا تەلەپ قىلىش،مۇزىكىلىق قوڭغۇراق چۈشۈرۈش ۋە لاھىيلەش،كەلگەن تېلېفون مۇزىكىسى قىلىپ لاھىيلەش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەشرەپ كۈيچىسى سىزنىڭمۇ زۆرۈر تاللىشىڭىز بولۇپ قالغۇسى